خىتاينىڭ ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇرۇنۇشى تېخىمۇ كۆپ چاتاقلارنى ئاشكارا قىلماقتا

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېزدىن ئۆسۈش دەۋرى نۆۋەتتە بىردەك «ئۆتمۈش» دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن كېيىنكى ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىۋاتقانلىقى نۆۋەتتە ھەرقايسى ئانالىزچىلارنىڭ پىكىر مەركىزى بولۇپ قېلىشقا باشلىدى.

«ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 30-مايدىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىپ، كىشىلەرنى ئىستېمالغا ۋە ساياھەتكە رىغبەتلەندۈرگەن بولسىمۇ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى بەكلا ئاستا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ئۆي-مۈلۈك بازىرى ۋە ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مەبلەغ سېلىشنى مەنبە قىلغان ئىقتىسادىي ئۆسۈش توختاپ، غايەت زور قەرز سوممىسى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنى ۋە شەخسلەرنى يۈرەكئالدى قىلىۋەتكەن. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر تاپقان-تەرگىنىنى بانكىغا يىغىپ قويۇپ، پۇل خەجلەشتىن ئۆزىنى تارتىشقا باشلىغان.

ئوبزوردا ئېيتىلشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەت ۋە كارخانىلارنى باستۇرۇشى، غەرب دۇنياسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىكنىڭ زورىيىپ مېڭىشى دېگەنلەرمۇ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىشىگە ئەڭ زور دەرىجىدە توسقۇن بولۇۋاتقان ئامىللاردىن بولۇپ قالغان. نەتىجىدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالتە پىرسەنتتىن سەككىز پىرسەنتكىچە بولغان تەسەۋۋۇردىن ئىككى-ئۈچ پىرسەنتلىك رېئاللىق ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان. ئاھالىنىڭ قېرىلىشىش نىسبىتىنىڭ ئېشىپ مېڭىشى ۋە نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ مېڭىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىكمۇ بۇنىڭغا يېڭى توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلغان.

HSBC بانكىسى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى فرېدېرېك نيۇمەن (Frederic Neumann) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «نۆۋەتتىكى ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتىنىڭ بۇ قەدەر ئاستا بولۇشى قۇرۇلما جەھەتتىكى كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى جانلىق نامايەن قىلىپ بەردى» دېگەن.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە بىۋاستە تەسىر قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئامىللارنىڭ بىرى، كىشىلەرنىڭ پۇل خەجلەشتىكى ئېھتىياتچانلىقى بولماقتا ئىكەن. كىشىلەرنىڭ ئىستېمال مىقدارى ئىزچىل تۆۋەنلەش ھالىتىدە تۇرۇپ كەلگەنلىكتىن، بۇنى ئاشۇرۇشتا كۆپلىگەن توسقۇنلۇق پەيدا بولۇشقا باشلىغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ قەرز ئېلىشىنى بۇرۇنقىدىن ئاسانلاشتۇرغان بولسىمۇ، كىشىلەر ھازىر قەرزلىرىنى تۆلىۋېتىشنى قەرز ئېلىشتىنمۇ بەكرەك مۇھىم، دەپ قاراشقا باشلىغان.