خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئۈچۈن تىپىرلاۋاتقانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.06.09

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ سانى ھەققىدىكى دوكلات ئىزچىل زور گۇمان قوزغاۋاتقاندا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەمەلىيەتتە تېخىچە ۋىرۇستىن ئاۋۋالقى سەۋىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىپىرلاۋاتقانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە.

CNN خەۋەر تورىنىڭ 8-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىزدىكى ئىشلەپچىقىرىش تولۇق ئەسلىگە كېلىپ بولدى» دېگەن مەلۇماتلىرى ئىشەنچلىك ئەمەس ئىكەن. بولۇپمۇ ئېكسپورت سودىسى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تاشقى ئېكسپورت مىقدارى ماي ئېيىدا ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلگە قارىغاندا ئۈچ پىرسەنتتىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن. ئىمپورت مىقدارى بولسا 16 پىرسەنتتىن ئارتۇق تۆۋەنلىگەن. خىتاي ئىقتىسادىدىكى بىردىن-بىر يۈكسەلگەن ساھە ماشىنا بازىرى بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە قارىغاندا ئىككى پىرسەنتكە يېقىن ئاشقان. ھالبۇكى، خىتايدىكى ماشىنا بازىرىدا سېتىلىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى چەتئەل زاۋۇتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىكەن.

ئامېرىكادىكى ئىقتىساد ساھەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھالنى ئومۇملاشتۇرۇپ: «خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇ خىل جان تالىشىش ۋە ئەسلىگە كېلىشكە ئۇرۇنۇشى ئاز دېگەندىمۇ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلىشى مۇمكىن» دېيىشمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.