خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى قەيەردە توختايدۇ؟

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ «ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ماتورى» دەپ قارىلىۋاتقان ئۆي-مۈلۈك بازىرى 1990-يىللاردىن باشلاپ پارتلاش خاراكتېرلىك تەرەققىياتقا ئۆتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى سودا پائالىيەتلىرىنى مەيلىگە قويۇۋېتىش سىياسىتى بۇنىڭغا داغدام يول ئېچىپ بەرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تۈر خىتايدىكى پايدا ئېلىش ئەڭ ئاسان ئەمەلگە ئاشىدىغان سودىغا ئايلىنىپ قېلىپ، تېزلا نەچچە يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق كاپىتال جۇغلانمىسى ھاسىل قىلغان. ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردە بۇ ساھەنىڭ ئاخىرىقى ھېساپتا گۇمران بولۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى كۆپ تەرەپلىمە ئەھۋاللاردىن ئايدىڭ بولماقتا ئىكەن.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 8-ئاۋغۇستتىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك سودىسى «ئوت كەتكەن ئورمانلىق» تەك يالقۇنجىغاندا، غەرب دۇنياسىنىڭ مەبلەغ سېلىش گۇرۇھلىرى بۇ ساھەگە مىلياردلاپ مەبلەغ سالغان ھەمدە تېزلا غايەت زور پايدىغا ئېرىشىپ ماڭغان. بۇنىڭ بىلەن غەربنىڭ مەبلىغى خوڭكوڭنى ئاساسلىق «ئۆتكۈنچى يول» قىلغان ھالدا كەلكۈن كەبى بۇ ساھەگە ئېقىپ كىرگەن.

ھالبۇكى، ئۆتكەن 10 يىل مابەينىدە تەدرىجى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان «كومپارتىيە ھەممىگە قوماندانلىق قىلىش» ئەندىزىسىنىڭ تۈرتكىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خۇسۇسىيلار كاپىتالىغا بولغان نازارىتى ۋە كونتروللۇقى بەكلا كۈچەيگەن. بۇنىڭغا ئۇلىشىپلا كەلگەن تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازارنى توختىتىپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن نەچچە ئونلىغان دۇنياۋىي بانكىلارنىڭ خىتايغا سالغان غايەت زور مەبلىغى يىل بويى زىيىنىغا ئوبۇرۇت بولۇشتىن باشقا يول تاپالمىغان. ئالىقاچان سېتىلىپ بولغان نەچچە يۈز مىلياردا ئامېرىكا دوللىرىلىق خىتاي زايومى بولسا نۇرغۇن شىركەتلەر ئۈچۈن تۈگىمەس باش ئاغرىقى پەيدا قىلغان. ئىقتىسادشۇناس جېننىي زېڭ (Jenny Zeng) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ ھازىر ئومۇمىيۈزلۈك خارابلىقنىڭ سىگنالىنى چالماقتا. بۇ كاپىتال بازىرىنى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئوخشاشلا ۋەيران قىلماقتا،» دېگەن.