ئىقتىسادىي مۆجىزىدىن ئالۋۇنغىچە: خىتاي ئىقتىسادى ئامېرىكادىن ئېشىپ كېتەمدۇ؟

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي توغرىسىدا كۆپ تەكرارلىنىۋاتقان ئىبارىلەرنىڭ بىرى «يېڭىدىن باش كۆتۈرىۋاتقان ئىقتىسادىي قۇدرەت ساھىبى» دېگەن مەزمۇندىكى تەرىپلەش بولغانلىقى مەلۇم. بۇ بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئاغزىدىن چۈشۈرمىگەن «شەرق كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ، غەرپ چۆكۈۋاتىدۇ» دېگەن بايانلىرىغا ۋاستىلىك ھالدا ياندىشىپ، تاشقىي دۇنيادىكىلەرگە «خىتاي راستىنلا زور دەرىجىدە قۇدرەت تېپىۋاتقان ئوخشايدۇ» دېگەن تەسىرنى بېرىپ كەلگەن ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2035-يىلىغا بارغاندا «زامانىۋى سوتسىيالىزىم دۆلىتى بولۇش»، خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىق خاتىرىسى بولغان 2049-يىلىغا بارغاندا خىتاينىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نى ئامېرىكادىن ئاشۇرىۋېتىش ھەققىدىكى چۇقانلىرى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەپتۇنلۇقىغا سەۋەب بولغان ئىكەن.

28-دېكابىر كۈنى ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، مەشھۇر ئىقتىسادشۇناس جورج ماگنۇس ئەپەندى «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى مەنزىرىسى مۆجىزە شەكلىدە ئەمەس، بەلكى چۆلدىكى ئالۋۇن شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى كۆپ تەرەپلىمە نۇقتىلاردىن تەپسىلىي شەرھىيلىگەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۆتكەن 30 يىل مابەينىدە خىتاينىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى راستىنلا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولغان سۈرئەتتە ئېشىپ ماڭغان. ئەمما ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېشىش سۈرئىتى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەس سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان. نەتىجىدە خىتاينىڭ فونتان كەبى ئۆرلەۋاتقان ئىقتىسادى فونتاننىڭ توختاش سەۋىيىسىگە ئوخشىشىپ قالغان. يەنە كېلىپ گېرمانىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيە 1930-يىللاردىن باشلاپ ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادتا ئامېرىكادىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ داۋراڭنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كونا مۇقامنى قايتىدىن تەكرارلىماقتا ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش نىسبىتى ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭكىدىن يۇقۇرى بولسىمۇ، ئەمما كاپىتال يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن قەرز مۇلازىمىتىدە ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

ئاپتور بۇ جەھەتتە تىلغا ئالغان سەۋەبلەر قاتارىدا خىتاينىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن دۇنيا بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ غايەت زور قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۆي-مۈلۈك مەبلىغىنىڭ تەتۈر ئايلىنىشى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمالنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى قاتارلىقلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئوتتۇراھال كىرىم سەۋىيىسى» توغرىسىدىكى شوئارلىرىنى لىڭشىتىپ قويغان. نەتىجىدە شى جىنپىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە كىرىم پەرقى ۋە رايونلار ئارا تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ھەدىسىلا «ئورتاق گۈللىنىش» ھەققىدىكى سۆزلەرنى كۆپرەك قىلىدىغان بولۇپ قالغان. ھالبۇكى، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ ئەركىنلىكنى بوغۇش، ئىدېئولوگىيەنى كونترول قىلىش ۋە ھاكىممۇتلەقلىقنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقاندا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ «گۈللىنىشى» ئەمدى پەقەت چۆلدىكى ئالۋۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.