خىتاي ھۆكۈمىتى ئىراندا «شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» ئۆتكۈزمەكتىكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى 22 - ئاۋغۇتتىن باشلاپ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى تېھراندىكى نىئاۋاران مەدەنىيەت مەركىزىدە «شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» ئۆتكۈزمەكتىكەن.

مەزكۇر پائالىيەتكە «2016 - يىلىدا جۇڭگونىڭ ئىراندىكى كەچۈرمىشلىرى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن تەشكىللەنگەن سەنئەت ئۆمىكى تېھراندا بىرقانچە مەيدان ئويۇن قويىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا دائىر فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

شىنخۋا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئېچىلىش مۇراسىمىغا 500 دىن ئارتۇق ئىران ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، چەتئەل دىپلوماتلىرى، خىتاينىڭ ئىراندىكى كارخانا ۋەكىللىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتناشقانلىقى مەلۇم.

خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ تېھرانغا ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسدا: «مەزكۇر ھەپتىلىك ئىران خەلقىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىناق جەمئىيەتنى چۈشىنىشىنى ھەمدە بۇ يەردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ھېس قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،» دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئىران بىلەن بولغان ئىستېراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىران تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قويۇق مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا خىتاينى قوللاپ كەلمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا شىئە مەزھىپىدىكىلەرگە يېشىل چىراق يېقىپ بەرىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بىر قىسىم ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنى ئىرانغا ئەۋەتىپ ئوقۇتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.