خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 14-فېۋرال كۈنى ئىران يادرو قوراللار مەسىلىسىنى تېزرەك ۋە ئۈنۈملۈك شەكىلدە ھەل قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «بىز ئىراننىڭ ئۆز ھەقلىرى ۋە قىزىقىشىنى قوغدىشىنى قوللايمىز» دېگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئىران پرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، بۇ سۆزلەرنى قىلغان. شۇنىڭدەك ئىران بىلەن يادرو قوراللار مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئىران بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىمىزنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2015-يىلىدىكى يادرو قوراللار كېلىشىمى ئىراننىڭ ئۇراننى قويۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يادرو قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا كۆپلىگەن توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلغان. گەرچە ئىران ئۆزلىرىنىڭ يادرو ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى تىنچلىق ئىشلىرىغا قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2018-يىلى ئىراننىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسىدە كۆرۈلگەن بىنورماللىق تۈپەيلىدىن ئىرانغا قارىتىلغان ئىمبارگونى يېڭىۋاشتىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىرانغا قارىتا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىمبارگوغا قارشى ھەركەتلەردە، بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى ئىراننىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلىشىغا ياردەمدە بولغان. 2021-يىلى ئىران بىلەن خىتاي 25 يىللىق ھەمكارلىق كېلىشىمىنى باشلىغان بولۇپ، خىتاي ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ تاشقىي سودا شېرىكى بولۇپ قالغان. شۇنىسى دىققەتكە سازاۋەركى، ئىران خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئىزچىل ھالدا سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا ئاستىرتىن خىتاينى قوللاۋاتقان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.
