خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەن سىستېمىسى بويىچە «چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئەمگەك مۇكاپاتى» تەسىس قىلىش، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئاتالمىش «مۇنەۋۋەر جەڭچى» لەرنى بىڭتۇەن قارمىقىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بىڭتۇەننىڭ ھەربىي خاراكتېرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ 17-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى بىڭتۇەن باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەخسۇس تەقدىرلەش يىغىنى چاقىرىپ «2023-يىللىق بىڭتۇەن مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى» نى تەقدىرلىگەن. يىغىندا كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرگە ئاتاپ 99 مۇكاپات تارقىتىلغان. بۇ مۇكاپاتلار «چېگرا رايون مۇقىملىقىنى ساقلاش ئەمگەك مۇكاپاتى» ، «بىڭتۇەن ئاۋانگارت ئىشچىلار مۇكاپاتى» دېگەندەك ناملاردا تەقدىم قىلىنغان.
خەۋەردە بۇ يىل تەقدىرلەنگەن شەخسلەر ۋە كوللىكتىپنىڭ تۆۋەنگە «چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ» يېڭى دەۋردىكى «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇش» قا، شۇنىڭدەك «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» ، «ئىككىنى تۇرغۇزۇش» ساھەسىگە تۆھپە قوشقانلىقى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ «چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەمىنلىكى ئۈچۈن زور ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكى» مەدھىيەلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «مۇقىملىقنى ساقلىغۇچى كۈچلەر» نى تەقدىرلىشى بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانلىقى مەلۇم. «بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ 17-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا بىڭتۇەن دائىرىلىرى ھەربىي سەپتىن قايتقان «مۇنەۋۋەر جەڭچىلەر» نى بىڭتۇەن تەۋەسىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقارغان. ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى بىردەك پېداگوگىكا تۈرىدىكى مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، لاياقەتلىك بولغانلارنى ئىمتىھانسىز ياكى نومۇر قوشۇپ بېرىش شەكلىدە قوبۇل قىلىش، ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىن ئېتىش، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىڭتۇەنلەرگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىملەش دېگەنلەر ئورۇن ئالغان. خەۋەردە بۇ ھال «ھەربىي سەپتىن قايتقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ۋە بىڭتۇەن مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرى» دېيىلگەن.
بىڭتۇەن سىستېمىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىجرا قىلىشتىكى باش جاۋابكار بولغانلىقتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەنگە قارىتا كۆپ قېتىم ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لاگېرشۇناس ئالىملاردىن ئادريان زېنز بولسا بىڭتۇەن سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر نوپۇسىدىن ئاشۇرۇۋېتىش خىزمىتىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسا، دېڭ شياۋپىڭدىن تارتىپ شى جىنپىڭغىچە بولغان بارلىق خىتاي رەھبەرلىرى بىڭتۇەننى «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ھەل قىلغۇچ كۈچ» دەپ تەرىپلەپ كەلگەن ئىدى.