ئامېرىكىدا چىقىدىغان «فوربىس» ژۇرنىلىدا كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى بارغانچە ئېشىۋاتقان بولۇپ، كۆپلىگەن ساھەلەر خىزمەتچىلەرنى قىسقارتىشقا باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا يېڭىدىن يارىتىلىدىغان خىزمەت پۇرسىتىمۇ 2008 - يىلىدىن بۇيان بارغانچە تۆۋەنلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا بۇ يىلدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 2010 - يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن بولسىمۇ، بۇ، يەنىلا خىتايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ كېڭىيىشنى توسۇپ قالالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، خىتايدىكى بازار ئانالىزى شىركىتى - ھۇدسون شاڭخەي شىركىتى دىرېكتورى بى لىن: خىتايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى بارغانچە ئاشماقتا. ئېكسپورت ئىگىلىكىگە تايىنىدىغان شىركەتلەر يۇقىرى نىسبەتتە خادىم قىسقارتىشقا باشلىغاندىن بۇيان ئىشسىزلىق نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆرسىتىلىشكە باشلىدى، دېگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى 4 پىرسەنت دەپ كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى توغرا مۆلچەرلەش قېيىن ئىكەن.