ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا «خىتاي ئۆيى» دېگەن نامدىكى يېڭىدىن «خىتاي ماسلاشتۇرغۇچى ئىشخانىسى» تەسىس قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىئو بىلىنكېن 16-دېكابىر كۈنى شەخسەن ئۆزى بۇ ئىشخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 16-دېكابىر ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، خىتاي ماسلاشتۇرغۇچى ئىشخانىسى يەنى «خىتاي ئۆيى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان رىقابىتىمىزنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇشىمىزغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، شۇنداقلا بىزنىڭ ئوچۇق ھەم كۆپ تەرەپلىمىلىك خەلقئارا سىستېمىغا بولغان قارىشىمىزنى ئالغا سۈرىدۇ. بىزنىڭ خىتاي ئۆيى قۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى يۈرگۈزۈشىگە ياردەم بېرىشتۇر» دېيىلگەن.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، «خىتاي ئۆيى مىنىستىرلىقنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش كۈنتەرتىپىنىڭ ھالقىلىق تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتى مىنىستىرلىقنىڭ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشى، كەلگۈسى يىللاردىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىغا مەركەزلىشىدىكەن».
بۇ ئىشخانانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن كېلەر ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان ھالقىلىق بىر ۋاقىتتا ئېچىلىشى دىققەت قوزغىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن 11-دېكابىردىن باشلاپ ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەنىيال كرىتېنبېرگ بىلەن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ خىتاي ۋە خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي دىرېكتورى لاۋرا روسېنبېرگېرنىڭ باشچىلىقىدىكى بىر ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتايدا زىيارەتتە بولغانىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، بىلىنكېن 16-دېكابىر ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، «خىتاي ئۆيىنىڭ بۇ مىنىستىرلىق ۋە باشقا ئورۇنلاردىكى بىر گۇرۇپپا خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنى توپلاپ، ھەر قايسى بۆلۈملەر ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك، ئىقتىساد، تېخنولوگىيە، كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ خىزمەت قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.
