خىتاي يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ قاتتىق ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن

خىتاي ئاتموسفېراغا كاربون 4 ئوكسىدىنى قويۇپ بەرگۈچى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ قاتتىق ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

«دەۋر» ژۇرنىلىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە قويۇپ بېرىدىغان كاربون 4 ئوكسىدىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئامېرىكا ۋە ھىندىستان قويۇپ بېرىدىغان زەھەرلىك گازلارنىڭ قوشۇلما مىقدارىدىنمۇ كۆپ ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، كانادا ۋە خىتاي تەتقىقاتچىلىرى 2007 - يىلىغا قەدەر خىتاينىڭ نورمال ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدا 0.9 سېلسىيە گرادۇس ئۆرلەش كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان. ئاتموسفېرادىكى پارنىك ئېففېكتى ھادىسىسى سەۋەبلىك كېچىلىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك بولمىغان.

كېچىلىك تېمپېراتۇرا ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا 1.7 گرادۇس يۇقىرى بولغان. بۇنى ئادەتتىكى كىشىلەر ھېس قىلالمىسىمۇ، ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

كېچىلىك تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىمىگەندە، كۈندۈزلىرى ئىسسىقتىن چارچىغان ئادەم بەدىنى كەچلىرى تىز ئەسلىگە كېلەلمەيدىكەن.

بۇ ھادىسىلەر خىتاينىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولغان كۆمۈر ئېنېرگىيىسى ۋە كۆمۈردىن ئېنېرگىيە ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئاسراش مىنىستىرلىكى خىتايدا ھاۋا، سۇ ۋە تۇپراقلاردا بۇلغىنىشنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقى، تۇپراقلاردىكى بۇلغىنىشنىڭ ئادەم سالامەتلىكىگە ئەجەللىك تەھدىت سېلىش دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.