دانا روراباھېر: خىتاي خەلقىنى ياخشى كۆرىمەن، ئىت گۆشى يېسىمۇ؛ ئەمما ھۆكۈمىتىنى ئەمەس

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.02.21

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى دانا روراباھېر(Dana Rohrabacher)، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەققىدە مەخسۇس پىكىر بايان قىلغان.

ئاۋام پالاتانىڭ تەجرىبىلىك ئەزاسى بولغان دانا روراباھېر خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى مەيدانىدىكى قەتئىيلىكى ۋە ئۈزلۈكسىزلىكى بىلەن تونۇلغان.

ئۇ بۇ قېتىمقى سۆھبەت خاتىرىسىدە كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت، شىمالىي كورېيە مەسىلىسى، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئەتراپلىق پىكىر بايان قىلغان. ئۇ بۇ قېتىمقى سۆھبىتى داۋامىدا ئۆزىنىڭ خىتايغا قارشى مەيدانىنىڭ چېگراسىنى ئېنىق كۆرسەتكەن.

ئۇ مۇخبىرنىڭ «چاغان كېلىۋاتىدۇ، جۇڭگودىكى ئاڭلىغۇچىلارغا قانداق سۆزلىرىڭىز بار؟» دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
«ئامېرىكىدا بەزى كىشىلەر خىتاي خەلقىنى ئىت گۆشى يېگەنلىكى ئۈچۈن ياخشى كۆرمەيدۇ، ئەمما بىلىنىشى كېرەككى، ئامېرىكىدىمۇ توشقان گۆشى قاتارلىق كىچىك ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يەيدىغانلار بار، شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ ئىت گۆشى يېيىشىگە قارشى ئەمەس؛ كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقلار خۇددى ماڭا ئوخشاش، خىتاي خەلقىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ھۆكۈمىتىنى ئەمەس؛ خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ كەلگۈسى تىنچلىقى ئۈچۈن تەھدىت».

دانا روراباھېر  بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن يەنە ئۆزىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ دوستى ئىكەنلىكى، يېقىن كەلگۈسىدە گۈزەل بىر دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن خىتاي خەلقى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.