خىتاي ج خ مىنىستىرى ئۆزبېكىستان زىيارىتىدە «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» تا ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلغان

خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەر جىددىي كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغان.

«تاشكەنت ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، تاشكەنتتە خىتاي ج خ مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭنى ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېف قوبۇل قىلغان. ۋاڭ شياۋخۇڭ 2-ئاپرېل كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى پۇلات باباجانوف بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلار «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە باشقا دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

ئۆزبېكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ باياناتىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، خادىملارنى تەربىيەلەش ۋە ئىككى تەرەپلىك زىيارەتلەرنى ئېلىپ بېرىش جەھەتلەردە كېلىشىش ھاسىل قىلغانلىقى؛ شۇنداقلا خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى بىلەن ئۆزبېكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدا 2024-2025-يىللىرىدىكى ھەمكارلىق پىروگراممىسىنىڭ ئىمزالانغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ھەر ساھە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدە كېلىشكەن ئىدى.

مول ئېنېرگىيە زاپىسىغا ئىگە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلانغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، سودا-تىجارەت ۋە گېئو-سىياسىي جەھەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-ئاپرېل كۈنى ئاچقان يىغىنىدىمۇ بۇ مەسىلە تەكىتلەنگەن بولۇپ، ما شىڭرۈي يىغىندا «ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا ئالاقە ۋە زىيارەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، ئالماشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، شۇنداقلا خىتاينىڭ داۋاملىق غەربكە قاراپ ئېچىلىش ۋە كېڭىيىشتەك دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ تېزلىتىش» نى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىشى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.