2015-يىلى ئۆكتەبىردە خىتايدىن ھىندىستانغا قېچىپ كەتكەن ژۇرنالىست، لى شىن يېقىندا تايلاندتا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. لى شىن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
لى شىننىڭ ئايالى خې فاڭپىڭ جۈمە كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئېرىنىڭ 11-يانۋار تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىدىن نوڭكاي شەھىرىگە كېتىۋېتىپ، پويىزدا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
لى شىن ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ھىندىستانغا قېچىپ چىقىپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە جاسۇسلۇق قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
لى شىن كېيىنرەك تايلاندقا بارغان. لى شىننىڭ ئايالى ئېرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشتىن بۇرۇن سىياسىي پاناھلىق تىلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەگەر لى شىننى راست خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرى قايتۇرۇپ كەتكەن بولسا، بۇ، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادا ئۆكتىچىلەرگە قارشى ناھايىتى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلى.
2015-يىلى ئۆكتەبىردە، شىۋېتسىيە تەۋەلىكىدىكى خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇش گۇي تايلاندتا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. كېيىنرەك ئۇنى خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ قايتۇرۇپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.