بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نيۇجېرسى شىتاتىدىكى لىيۇ فامىلىلىك بىرەيلەن، خىتاي ئارمىيىسىگە جاسۇسلۇق قىلغانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 25 - مارت دۈشەنبە كۈنى 70 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇندىن باشقا لىيۇغا يەنە 15 مىڭ دوللار جەرىمانە تۆلەش بۇيرۇلغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، لىيۇ 2011 - يىلى مارت ئېيىدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەينى چاغدا 2009 - يىلدىن 2010 - يىلغىچە بولغان مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىك بىر شىركىتىدە ئىنجىنېر بولۇپ ئىشلەۋاتقان لىيۇ خىزمەتتە ئىشلىتىدىغان كومپىيوتېرنى 2009 - ۋە 2010 - يىللىرى خىتاينىڭ چۇڭچىڭ ۋە شاڭخەي شەھەرلىرىگە ئېلىپ بېرىپ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا لېكسىيە سۆزلىگەنلىكى ئېغىر گۇمان قوزغاپ، تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولغان.