ئامېرىكىنىڭ ۋىسكانسىن شتاتىدىكى مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خۇا جۈنجاۋ ئىسىملىك خىتاي ئەقلىي مۈلك جاسۇسلۇقى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى فبى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا.
بۇ ھەقتە مادىسون خەۋەرلەر تورىدا چىققان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ راك كېسەللىكلىرى پروفېسسورى مارشال ئاندېرسون 22-فېۋرال كۈنى ئىشخانىسىغا قويۇپ قويغان 3 قۇتا تەجرىبە بېرىكمىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن ئەھۋالنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار بىخەتەرلىك كامېراسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە خۇا جۈنجاۋنىڭ شۇ كۈنى ئىشخانىغا كىرگەن بىردىن-بىر كىشىلىكىنى بايقىغان.
خۇا جۈنجاۋ پروفېسسور مارشالنىڭ راك تەتقىقاتى گۇرۇپپىسىدا ياردەمچى تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەيدىغان بولۇپ، پروفېسسور مارشال راك ھۈجەيرىلىرىنى ساق ھۈجەيرىلەرگە زىيان بەرمەي تۇرۇپ ئۆلتۈرەلەيدىغان بىر خىل بىرىكمە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن. فبى خادىملىرى خۇادىن بۇ بىرىكمىلەرنىڭ نەدىلىكىنى سورىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنگلىزچە چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن. ئەمما ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى خۇانىڭ ئىنگلىزچىسىنىڭ ناھايىتى راۋانلىقى، ئۇنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقىنىغىمۇ خېلى يىللار بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ساقچىلار ئۇنىڭ كومپيۇتېرىدىن پروفېسسور مارشال ۋە باشقا بىر پروفېسسورنىڭ راك تەتقىقاتىغا ئائىت جەمئىي 384 پارچە ھۆججەت تاپقان.
خۇا جۈنجاۋ جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىغا بىلىم ئاشۇرغىلى كېلىپ، بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا كىرگەن ئىكەن. ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇش نەتىجىسىدە، جاۋنىڭ ئايالىغا سالغان پوچتا خالتىسىنىڭ تالونىنى، خىتايغا قايتىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى ۋە خىتاينىڭ دۆلەتلىك تەبىئىي پەنلەر تەتقىقات فوندىغا يېزىلغان خىزمەت ئىلتىماسىنى تېپىپ چىققان. خۇا 29-مارت كۈنى رەسمىي قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە باشلىنىدىكەن. ئۇ، جىنايىتى بېكىتىلگەن تەقدىردە 15 يىللىق قاماق جازاسى ۋە 500 مىڭ دوللار پۇل جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
