ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە يوشۇرۇنغان خىتاي جاسۇس قولغا ئېلىندى

يېقىندا ئامېرىكا قانۇن ئورۇنلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) دا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىپ كەلگەن يۇك چىڭمانى رەسمىي قولغا ئالدى.

«نيو-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 18-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تولۇق ئىسمى ئالېكساندىر يۇك چىڭما بولغان بۇ خىتاي ئەسلىدە خوڭكوڭ پۇقراسى بولۇپ، 1980-يىللاردىن بۇيان مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. 2000-يىلىدىن كېيىن فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە يۆتكەلگەن ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن جاسۇس گۇماندارى يۇك چىڭما ۋە ئۇنىڭ يەنە بىر تۇغقىنى 2001-يىلى مەركىزىي ئاخبارت ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خىتايدىكى «كۆز-قۇلاقلىرى» بىلەن بولغان ئالاقىنى قانداق يوشۇرۇدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر قىسىم مەخپىي مەلۇماتلارنى خىتاي ئىستىخبارات ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن. بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭغا خىتاي ساقچىلىرى 50 مىڭ دوللار بەرگەن. يۇك چىڭما ئۆتكەن ھەپتە قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن ئىكەن.

ئامېرىكا قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خىتايدىكى نەچچە ئونلىغان «كۆز-قۇلاق» لىرى ئۇشتۇمتۇتلا قولغا ئېلىنىپ، ئېتىپ تاشلانغان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى بارلىق ئاخبارات توپلاش تورى بىراقلا ۋەيران قىلىۋېتىلگەن ئىكەن. 2019-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىدىن ئىككى كىشى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 20 يىللىقتىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.