جاسۇس گۇماندارى لىندا سۇن 2021-يىلى نيۇ-يورك ئىشتات باشلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان
2024.09.04
نيۇ-يورك ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى ئاندىرى كۇمو (Andrew Cuomo) ۋە نۆۋەتتىكى ئىشتات باشلىقى كەتىي خوكۇل (Kathy Hochul) نىڭ قول ئاستىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن لىندا سۇن ئىسىملىك خىتاي ئايالنىڭ 9-ئاينىڭ 3-كۈنى جاسۇس گۇماندارى بولۇپ تۇتۇلغانلىقى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا. نۆۋەتتە لىندا سۇننىڭ ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
فېدېراتسىيە تەپتىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىندا سۇن نيۇ-يورك ئىشتاتىنىڭ باشلىقى كەتىي ھوكۇلنىڭ قول ئاستىدا كادىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇشتىن ئىلگىرى ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتتە كۆپلىگەن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ھەمدە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلغان. مەسىلەن، تەيۋەن ھۆكۈمىتى ۋەكىلىنىڭ نيۇ-يورك ئىشتاتى باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان، نيۇ-يورك ئىشتاتى ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججىتىنى يالغاندىن ياساپ چىققان.
«مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ 4-سېنتەبىر كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، لىندا سۇن 2021-يىلىلا خىتاينىڭ نيۇ-يوركتىكى كونسۇلخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ يۈرگەن بولۇپ، ھازىرقى ئىشتات باشلىقى خوكۇل بىلەن خىتاي كونسۇلىنى خىتاينىڭ بايرام كۈنلىرىدە ۋىدىيولۇق كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە بۇ سۆھبەتتە پەقەت دوستانە پاراڭلىشىشنى، بەزى مەسىلىلەرنى سىياسىيلاشتۇرماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان. لىندا سۇننىڭ باشقا بىر ئەمەلدارغا ئېيتىشىچە، ئۇ خوكۇلنىڭ نۇتقىنى تەييارلاپ بېرىدىغان كاتىپ بىلەن سوقۇشۇپ قالغان؛ سەۋەبى كاتىپ بۇ نۇتۇق تېكىستىدە خىتايدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشتا چىڭ تۇرغان. لىندا سۇن بۇ نۇتۇقتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى، بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە مەقسىتىگە يەتكەن. نەتىجىدە نۇتۇق تېكىستىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان. ئەيىبنامىدە لىندا سۇننىڭ بۇ قىلمىشىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، لىندا سۇن نيۇ-يورك ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتتە 15 يىل ئىشلىگەن، 2023-يىل خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. ھالبۇكى، ئىشتات باشلىقى كوھۇلنىڭ ئىشخانىسىدىكى باياناتچىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ خىزمىتىدىكى نامۇۋاپىق قىلمىشلارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىشتىن بوشاتقان.
لىندا سۇن بىلەن ئېرى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى نيۇ-يوركتىكى ئۆيىدە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، سوتتا ئۆزلىرىنى «گۇناھسىز» دەپ دەۋا قىلىشقان. سوتچى، لىندا سۇندىن 1 مىليون 500 مىڭ دوللار، ئېرىدىن 500 مىڭ دوللار كېپىللىك پۇلى ئېلىپ قويۇپ بەرگەن، 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇلار قايتا سوتلىنىدىكەن.