خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان سابىق CIA خادىمىنىڭ سوت ھۆكمى ئېلان قىلىندى

خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان ئامېرىكا مەركىزىي تەكشۈرۈش ئىدارىسى (CIA)نىڭ سابىق خادىمى ئالېكساندىر يۇك چىڭ ما (Alexander Yuk Ching Ma)، يەنى ما يۈچىڭ 11-سېنتەبىر كۈنى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 71 ياشلىق ما يۈچىڭ بۇ يىل 5-ئايدا فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن كېلىشكەن بولۇپ، ئۇ «ئامېرىكانىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ياكى چەت ئەل ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈش جىنايىتىنى قوبۇل قىلغان. ئەگەر ئۇ فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن كېلىشىپ جىنايەتلىرىنى تاپشۇرمىغان بولسا، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جاكارلىشىچە، ما يۈچىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ سابىق خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇ خوڭكوڭدا تۇغۇلغان ۋە كېيىنچە ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئىكەن. ما يۈچىڭ 1982-يىلدىن 1989-يىلغىچە CIA دا خىزمەت قىلغان. CIA نىڭ سەزگۈر ۋە مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش سالاھىيىتى بار بولغان ما يۈچىڭ 1989-يىلى ئامېرىكا مەركىزىي تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل خىتايدا ياشىغان.

ئۇ 2001-يىلى 3-ئايدا شاڭخەي شەھەرلىك خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى (SSSB) خادىملىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان قېرىندىشىنى خىتاي مەخپىي خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل كەلتۈرگەن. نەتىجىدە ئۇنىڭ قېرىندىشى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى بىلەن خوڭكوڭدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۇچرىشىپ، ئامېرىكانىڭ زور مىقداردىكى دۆلەت مۇداپىئە ئۇچۇرلىرىنى سېتىۋەتكەن. بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلار خىتايدىن 50 مىڭ دوللار مۇكاپات پۇلى ئالغان. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ مەخپىي خادىمى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشقا قوشۇلغان.

ما يۈچىڭ 2001-يىلى ھاۋايغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ 2003-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ ھونولۇلۇدىكى شىتابىدا توختاملىق تەرجىمان بولۇپ ئىشلەشكە ئىلتىماس قىلغان. ئەينى چاغدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ما يۈچىڭنىڭ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى بىلىپ بولغان بولسىمۇ، ئۇنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىشقا قوبۇل قىلغان. بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ پائالىيىتىنى ۋە خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن.

6 يىل بويىچە ما يۈچىڭ كۆپ قېتىم خىتايغا ئۇچۇر ۋە رەسىم ئەۋەتكەن. ئۇ يەنە خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى كۆرسەتكەن بىر رەسىمدىكى 4 ئامېرىكالىقنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ بېرىش ئۈچۈن قېرىندىشىنى ماقۇل كەلتۈرگەن. قېرىندىشى ئۇ رەسىمدىكى ئىككى ئامېرىكالىقنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ بەرگەن. بۇ شەخسلەرنىڭ سالاھىيىتى ئامېرىكانىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئۇچۇرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ما يۈچىڭ 2020-يىلى قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قېرىندىشى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ھونولۇلۇ ئالاھىدە ۋاكالەتچىسى ستېۋېن مېررىل ما يۈچىڭنىڭ جازاسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ ۋەقە باشقىلارغىمۇ ساۋاق بولسۇن. مەيلى ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەن بولسۇن ياكى قانچىلىك ۋاقىت كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، سىز ھامان بىر كۈنى سوتقا تارتىلىسىز.»