خىتايلارنىڭ ئامېرىكادىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى كۆپلەپ پاش بولماقتا

خىتايلارنىڭ ئامېرىكادىكى قانۇنسىزلىق قىلمىشلىرى دائىم خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ چىقماقتا. 16-سېنتەبىر كۈنى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى قولغا ئالغان ليۇ جوڭسەن ئىسىملىك خىتاي كىشىمۇ شۇنداق بولغان. «تۆپىلىك» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ليۇ جوڭسەن يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىدە ئىشلەيدىغان بىر خىزمەتچىنىڭ ئامېرىكا ۋىزىسى ئېلىش ئالدامچىلىقىغا بىۋاسىتە ياردەملەشكەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ليۇ جوڭسەن بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ۋىزا ئالدامچىلىقى ئۇسۇلى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئايال خىزمەتچىسىگە ئامېرىكاغا كىرىش ۋىزىسى ئېلىپ بەرگەن. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى جون دېمېرىس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ، جۈملىدىن خىتايلارنىڭ ئامېرىكاغا كېلىشىنى قارشى ئالىمىز. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ھامىلىقىدىكى ۋىزا ئالدامچىلىقىغا يول قويالمايمىز» دېگەن.

مۇشۇ ھەپتىدە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى قولغا ئالغان جۇ يۈ ۋە چېن لى ئىسىملىك ئەر-ئايالمۇ تېببىي مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاپ سېتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئەر-ئايال ئوخايو شتاتىدىكى «دۆلەتلىك بالىلار دوختۇرخانىسى» دا ئىشلەش جەريانىدا مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ جەۋھىرى بولغان ھۈجەيرە ئېكزوسومى تېخنىكىسىنى ئوغرىلىۋالغان ھەمدە خىتايدا مۇشۇ تېخنىكا بويىچە بىمارلارنى داۋالايدىغان تۇنجى مەركەزنى قۇرغان. 2017-يىلى مەزكۇر مەركەزنى بارلىق تېخنىكىلىرى بىلەن قوشۇپ 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ھۈجەيرە ئېكزوسومى تېخنىكىسى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئون نەچچە يىل جەريانىدا غايەت زور مەبلەغ سالغان بولۇپ، تېببىي داۋالاش ساھەسىدىكى دەۋر بۆلگۈچ داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا قانۇن ئورۇنلىرى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان «چاڭجياڭ ئالىملىرى»، «مىڭ تالانت ئىگىلىرى» دېگەندەك خىتاي جەمئىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى تىنىمسىز پائالىيەتلىرىدىن ئەندىشىگە چۈشمەكتە ئىكەن. چۈنكى بۇ خىلدىكى جەمئىيەتلەر ئامېرىكادا قانۇنلۇق تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەمەلىيەتتە بىۋاسىتە ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن. يەنە كېلىپ بۇ خىلدىكى جەمئىيەتلەر چەتئەلدىكى خىتاي نەسلىدىن بولغان كىشىلەرنى «ئۆزلىرى ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلىپ ئۇلۇغ ۋەتەنگە قايتىش» قا چاقىرىق قىلىدىغان بولغاچقا بۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرى ھەرقاچان قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.