ئامېرىكادىكى سايلام خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇھىم ئۇچۇرلىرىنى خىتايدىكى مۇلازىمېتىرغا ئەۋەتكەن كىشى تۇتقۇن قىلىنغان

ئامېرىكادىكى سايلام ئىشلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتايدىكى مۇلازىمېتىرگە ئەۋەتكەن كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

ئامېرىكا ئاممىۋى رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكادىكى سايلام مەزگىلىدە خىزمەت قىلىدىغان راي سىناش خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتال ياسايدىغان كوننېچ (Konnech) ناملىق يۇمشاق دېتال شېركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېۋگېنې يۈ (Eugene Yu) قولغا ئېلىنغان.

لوس-ئانجېلىس ناھىيەلىك تەپتىش ئەمەلدارى جورجى گاسكوننىڭ ئاخبارات يىغىنىدا دىيىشىچە، لوس-ئانجېلىس ناھىيەلىك ھۆكۈمەت مەزكۇر شىركەت بىلەن تۈزگەن توختامنامىسىدا، سايلام خىزمەتچىلىرى ئۇچۇرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى، بۇ ئۇچۇرلارنى ئامېرىكانىڭ ئىچىدىكى مۇلازىمېتىرلاردا ساقلاشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما شىركەت بۇ مۇھىم ئۇچۇرلارنى خىتايدىكى مۇلازىمېتىرغا ئەۋەتىۋەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يۈ فامىلىلىك شىركەت رەئىسى «خۇسۇسىي كىملىك ئۇچۇرىنى ئوغرىلاش ۋە ھۆكۈمەت مەبلىغىگە خىيانەت قىلىش» جىنايەتلىرى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.

لوس-ئانجېلىس ناھىيەلىك تەپتىش دائىرىلىرى مەزكۇر دېلو ئۈستىدە داۋاملىق تەكشۈرۈش يۈرگۈزىدىغانلىقى ۋە مەسئۇلىيىتى بارلارنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.