خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيەدىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى پاش بولدى
2022.10.18
يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپادىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن پاش بولۇۋاتقان بولۇپ، گېرمانىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى پارلامېنت مەجلىسىدە «خىتايغا قارىتا داۋاملىق سەبىيلەرچە كۆز قاراشتا بولۇش چوڭ خاتالىق» دەپ ئەسكەرتتى.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ 18-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىستىخبارات مۇلازىمىتى» (BND) نىڭ دىرېكتورى برۇنو كال (Bruno Kahl) 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيەدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ «خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىدە بىز دىققەت قىلىشقا ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك كۆپلىگەن نۇقتىلار مەۋجۇت» دېگەن. مەزكۇر ئورگان قارمىقىدىكى ئۈچ ئىدارىنىڭ مەسئۇللىرى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان گېرمانىيەدە جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما گېرمانىيە سىياسىي ساھەسىنىڭ ھەرقاچان ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى سىياسىي بىخەتەرلىكتىن ئەلا بىلىپ بۇ ھەقتىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا سەل قاراپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. گېرمانىيە «ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلىش فېدېراتسىيە ئىشخانىسى» نىڭ دىرېكتورى خالدېنۋاڭ (Haldenwang) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «رۇسىيەنىڭ جاسۇسلۇقى بىر قېتىملىق چاقماق چېقىش بولسا خىتاينىڭ جاسۇسلۇقى كىلىمات ئۆزگىرىشتۇر» دېگەن.
خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى تېخى يېقىندا ئەنگلىيە تەۋەسىدە زور دىققەت قوزغىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئاددىيغىنا ئۇرۇنۇش ئەمەس، ئەكسىچە غايەت زور سىستېمىغا ئايلانغان ھەرىكەت ئىكەنلىكى دەسلەپكى قەدەمدە مەلۇم بولغانىدى.