ئامېرىكادىكى 13 خىتاي جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.10.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 24-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئوخشىمىغان ئۈچ دېلوغا چېتىشلىق 13 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ دېلونىڭ ئىككىسى نيۇ-يورك شتاتىدا پاش بولغان. ئۇلارنىڭ بىرىدە خىتاي جاسۇسلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جازا ئېلان قىلغان «خۇاۋېي» شىركىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان. يەنە بىرىدە يەتتە نەپەر خىتاي جاسۇسى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان نيۇ-يورك شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان خىتاي پۇقرالىقىدىكى بىر كىشىنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن توختىماستىن تەھدىت سېلىش ۋە پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. نيو جېرسېي شتاتىدا پاش بولغان ئۈچىنچى دېلودا بولسا تۆت نەپەر خىتاي جاسۇسى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى كىشىلەرنى خىتاي ئۈچۈن ئىشلەشكە قىزىقتۇرماقچى بولغان. بۇ جەرياندا ئۇلاردىن ئۈچ كىشىنىڭ خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكى پاش بولغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مېررىك گارلاند (Merrick Garland) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ دېلولاردىن شۇ نەرسە مەلۇم بولدىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى ھەقلەرنى ۋە ئەركىنلىكنى ۋە قانۇن سىستېمىسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلار مەغلۇپ بولدى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ خىلدىكى بۇزغۇنچىلىق قىلمىشىغا ھەرگىزمۇ يول قويمايدۇ» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپلەپ پاش بولۇشقا باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.