بىر خىتاي پۇقراسى ئامېرىكانىڭ ھەربىي كېمە مەخپىيەتلىكىنى خىتايغا يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 2-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، بىر خىتاي پۇقراسى ئامېرىكادىن ھەربىي يەل كېمە سېتىۋېلىپ خىتايغا ئەۋەتمەكچى بولغانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

50 ياشلىق خىتاي پۇقراسى گې سۇڭتاۋ 2-نويابىر كۈنى ئامېرىكا فېدراتسىيە سوتىدا جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، ئامېرىكاغا ساختا ئېكسپورت ئۇچۇرى بەرگەنلىكىنى، دېڭىزدا مەشغۇلات قىلىدىغان ھۇجۇمچى كېمە ۋە ئۇنىڭ ماتورىنى ئالدامچىلىق بىلەن خىتايغا ئېكسپورت قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.

گې سۇڭتاۋنىڭ ئىقرارنامىسىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇ شاڭخەي ۋېيفېڭ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى خىزمەتچىسى ياڭ ياڭ ئامېرىكادىن بېنزىن، دىزېل ياكى ئايروپىلان يېقىلغۇسى ئىشلىتىدىغان ماتور سەپلەنگەن ھۇجۇمچى يەل كېمىسىدىن 7 كېمىنى زاكاز قىلماقچى بولغان. بۇ كېمىلەر ۋە كۆپ خىل يېقىلغۇلۇق ماتورلار ئامېرىكا ھەربىي ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھەلەر بولۇپ، سۇ ئاستى كېمىسىدىن سۇ ئۈستىگە چىقىرىش ياكى ئايروپىلاندىن سۇغا تاشلاش ئۈچۈن قوللىنىلىدىكەن. خىتاي بۇنداق ماتورلارنى ئىشلەپچىقىرالمايدىكەن.

تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل كېمىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئامېرىكا زاۋۇتى مەسئۇللىرى ياڭ ياڭغا بېنزىن بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان، تېخىمۇ ئەرزان بولغان ماتورلارنى سېتىۋېلىش تەكلىپى بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ ھەربىي ئىشلاردا قوللىنىدىغان كۆپ خىل يېقىلغۇلۇق ماتور سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇرۇۋالغان. زاۋۇت مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ياڭ ياڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىچكىرى خىتايغا مال سېتىپ بەرمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزىنىڭ خېرىدارلىرىنىڭ شاڭخەيدە ئەمەس، بەلكى خوڭكوڭدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ يالغان سۆزلىگەن. گې سۇڭتاۋمۇ ئۇ كېمىلەرنى سېتىۋېلىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ئاۋۋال خوڭكوڭدىكى بىر شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ شىركەت ئارقىلىق ئامېرىكا زاۋۇتىغا 110 مىڭ دوللار سالغان. ئۇ يەنە بىر خادىمىنى خوڭكوڭغا بېرىپ، ئۇ كېمىنى ۋە ماتورنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئىچكىرى خىتايغا ماڭدۇرۇشقا ئەۋەتكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، گې سۇڭتاۋ بۇ جىنايىتى بىلەن كۆپ بولغاندا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.