ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتىنى باشلىشىغا 24 سائەت قالغان بىر پەيتتە، بىر خىتاي جاسۇسلۇق ھاۋا شارىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا بايقىلىشىدىن كېيىن، 5-فېۋرال باشلىنىدىغان خىتاي زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاي جاسۇسلۇق ھاۋا شارىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا بايقىلىشى، ئامېرىكانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا «ئېنىق خىلاپلىق قىلىش» ھەرىكىتى، دەپ كۆرسەتكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، «بىز ھەر قايسى ئورگانلاردىكى خىزمەتداشلىرىمىز دۆلەت مەجلىسى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ھازىرقى ۋاقىت مىنىستىر بلىنكېننىڭ خىتايغا سەپەر قىلىشىنىڭ توغرا ۋاقتى ئەمەسلىكىنى قارار قىلدۇق» دېگەن.
بۇ ئەمەلدار يەنە خىتاي تەرەپنىڭ «ئەپسۇسلانغانلىقىغا دائىر باياناتى» غا دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «لېكىن بۇ ھاۋا شارىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىمىزدا پەيدا بولۇشى بىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا، شۇنداقلا خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىق، بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىر «پۇقراۋى» ھاۋا شارىنىڭ ئامېرىكا ئاسمىنىغا ئۇچۇپ كىرىپ قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلانلىقىنى ئېيتقان. بىلىنكېننىڭ زىيارىتى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇلار زىيارەتتە بىلىنكېننىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە قويۇشى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇندىكى ئائىلە ئەزالىرىنى ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.
بىلىنكېن 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر، خوڭكوڭ ۋە تىبەت ۋەكىللىرىنى ئۆزى ئىچىگە ئالغان بىر گۇرۇپپا پائالىيەتچى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئالغان. ئارقىدىنلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى دىپلوماتلار ئائىلە ئەزاسى خىتاينىڭ تۈرمە-لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقان ئامېرىكادىكى بەزى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكەنىدى.