كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىيو، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھاۋا شارى ئارقىلىق ئامېرىكاغا سىگنال بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن
2023.02.06
خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھاۋا شارىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىپ، ئامېرىكانىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ياردرو قوراللىرى ئورۇنلاشقان رايونلاردىن ئۇچۇپ ئۆتۈشىگە قارىتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى داۋاملىق قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان مەسئۇل ئەزاسى ماركۇ رۇبىيونىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىغا جاسۇسلۇق ھاۋا شارى ئەۋەتىش ئارقىلىق، دۇنياغا بىر سىگنال بەرمەكچى بولغان.
ماركۇر رۇبىيو 5-فېۋرال ئامېرىكا ABC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «بۇ ھەپتىلىك» پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «بۇنىڭ ئاچقۇچلىق تەرىپى ئۇلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىش، شۇنداقلا بۇنىڭ ئارقىسىدىكى بەرمەكچى بولغان سىگنالىدۇر» دېگەن.
ماركو رۇبىيو «ھەممىدىن بەكرەك ھاۋا شارىنىڭ نېمىلەرنى كۆزەتكەنلىكىنى بىلگۈسى بارلىقى» نى ئېيتقان. خىتاينىڭ جاسۇسلىق ھاۋا شارى ئالياسكا ۋە كانادادىن ئۆتۈپ، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكانىڭ مونتانا شتاتىغا كەلگەندە، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا ئاشكارلارلىنىپ، ئامېرىكادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن شۇ سەۋەبلىك 5-فېۋرال خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەن ئىدى. ماركۇ رۇبىيو: «ئۇلار ھاۋا شارىنىڭ بايقىلىپ قالىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ئاشكارىلىشى كېرەكلىكىنى، كىشىلەرنىڭ بۇ شارنى ھاۋا بوشلۇقىدا كۆرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. لېكىن ئۇلار بەرمەكچى بولغان سىگنالنى ئىچىدە بىلىدۇ. ئۇلار ئامېرىكا بىر مەزگللەردە دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر زاۋالىققا يۈز تۇتماقتا، دېگەن سىگنالنى بەرمەكچى بولدى» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھاۋا شارى 1-فېۋرال كۈنى مونتانا شتاتىدا بايقالغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇ خەۋەرنى 2-فېۋرال كۈنى كەچ مەزگىللەردە ئاندىن ئېلان قىلغان.
ھاۋا شارى پەقەت 5-فېۋرال شىمالىي كارولىنا شتاتىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز قىرغىقىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا كەلگەندە ئاندىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن. ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ھاۋا شارىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشتە ئاھالىلەرگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ قويماسلىقى ئۈچۈن، مۇۋاپىق پۇرسەت كۈتكەن ئىكەن.