خىتاينىڭ لىنكېدىن (LinkedIn) ناملىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى قوللىنىپ ئەنگلىيەدە جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئاشكارىلانغان.
ئەنگلىيەنىڭ نوپۇزلۇق ئاخباراتلىرىدىن «زامان» گېزىتى (The Times) نىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، خىتاي جاسۇسلىرى لىنكېدىن تورىدا ساختا ھېساۋاتلارنى قۇرۇپ، ساختا ئىسىم ۋە ساختا شىركەتلەر ئارقىلىق نۇرغۇن ئەنگلىيەلىكلەرنى ئالدىغان.
ئۇلار خىزمەتكە قوبۇل قىلىش باھانىسى بىلەن بۇ كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى يىغقان ۋە ئۇلارنى نەق پۇل بەدىلىگە دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە تاقىلىدىغان ماتېرىياللارنى تەمىنلەشكە قىزىقتۇرغان. ئۇلار بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئەنگىلىيەدىكى دۆلەت مەمۇرلىرى، ئالىملار، ئاقىللار ئامبىرى تەتقىقاتچىلىرى، ئىلمىي ساھەدىكى تەتقىقاتچىلار ۋە ھەتتا دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنى قىلتاققا چۈشۈرمەكچى بولغان.
«زامان» گېزىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، شۇنداق جاسۇسلارنىڭ بىرى لىنكېدىندا «روبىن جاڭ» دېگەن ئىىسم بىلەن ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ كەم دېگەندىمۇ 5 يىل ئاكتىپ ھالدا بۇ خىزمەتنى داۋام قىلغانلىقى، ئۆزىنى ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق قىلىپ كۆرسەتكەن بۇ شەخسنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايدا ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.
ئەنگىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى توم تۇگېندات (Tom Tugendhat) «زامان» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە مەزكۇر ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتىنى قوللىنىدىغان دۆلەت خادىملىرىلا ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى تەتقىقاتچىلار ۋە شىركەت خادىملىرىنىڭمۇ ئېھتىياتچان بولۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن.
لىنكېدىن ئادەتتە كەسپىي خادىملار ئىشلىتىدىغان ۋە ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان بىر ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېـتى بولۇپ، ئۇنىڭ 930 مىليوندىن ئارتۇق ئابونتى بار ئىكەن.
لىنكېدىن خىتايدا مۇلازىمەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلغان بىردىن-بىر غەرب ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى بولۇپ، 2014-يىلى مۇلازىمەت باشلىغان بۇ سۇپا خىتاينىڭ تەلەپلىرىگە ئەمەل قىلىشقا قوشۇلغانلىقتىن خىتايدا بىر مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ھالبۇكى، 2021-يىلىغا كەلگەندە لىنكېدىن خىتاينىڭ ئورۇنسىز تەلەپلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئاخىرى خىتايدىكى مۇلازىمىتىرىنى تاقىغان ئىدى. مەزكۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى پاش قىلغان ياكى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ، پارىخورلۇق، چېرىكلىككە دائىر ۋەقەلەرنى ئاشكارىلىغان بەزى ژۇرنالىستلارنىڭ ھېسابىنى چەكلەپ، كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى.