رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تەرەپ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەۋاتقان خاككېرلارنىڭ تور ئارقىلىق مەلۇمات ئوغرىلاش تېخنىكىسى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. خاككېرلار ھازىر كىشىلەر كۆپ ئىشلىتىدىغان گوگۇل تورىنىڭ «ھۆججەت ھەمبەھر ئامبىرى» ( DropBox ) قاتارلىقلار ئارقىلىق ۋىرۇسلۇق ھۆججەتلەرنى ھەمبەھر ھۆججەتلىرى قاتارىغا قىستۇرۇپ قويۇپ، بۇ ھۆججەتلەرنى چۈشۈرگەن «نىشان»نىڭ مۇھىم ئۇچۇرلىرىنى بۇزۇۋېتىدىكەن.
بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل تېخنىكىلارنى خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك خاككېرلىرىلا ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئاساسەن كۆزىتىش ۋە ئۇچۇر ئوغرىلاش مەقسەت قىلىنىدىكەن. ئامېرىكىدىكى ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى بويىچە داڭلىق بولغان «ئوت كۆز» (FireEye) شىركىتى ھۆججەت ھەمبەھر ئامبىرى ئارقىلىق بولغان تور ھۇجۇملىرىنىڭ ئاساسلىق ئوبېكتىنىڭ «دەل خىتاي كۆزەتمەكچى بولغان كىشىلەر» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تور ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە تەيۋەن، خوڭكوڭدىكى پائالىيەتچىلەر، مۇخبىرلار ۋە زىيالىيلارنىڭ تېخىمۇ سەزگۈر بولۇپ كەتكەنلىكى بىلدۇرۇلمەكتە. مۇشۇ سەۋەبتىن خاككېرلار تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىلىك ئۇسۇللارنى ئىجات قىلماقتا ئىكەن.
