خىتاي دائىرىلىرى «جەنۇبىي شىنجاڭ» ئۇقۇمىنى كېڭەيتىپ، بىڭتۇەن دېۋىزىيەلىرىنىمۇ بۇ ئۇقۇمنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگەن

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا قارىتىلغان «جەنۇبى شىنجاڭ» ئۇقۇمىنى كېڭەيتىپ، ئۇنىڭغا خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» گە قاراشلىق 4 دېۋىزىيەسى بىلەن بايىنغولىن ئوبلاستىنىمۇ كىرگۈزگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر بىڭتۇەننىڭ بۇ 4 دېۋىزىيەسىنى «جەنۇبىي شىنجاڭ» ئۇقۇمىغا كىرگۈزمىگەنلىكى چۈشىنىشلىك بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ جەنۇبى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر پارچىسى بولغان بايىنغولىن ئوبلاستىنى نېمە ئۈچۈن «جەنۇبىي شىنجاڭ» ئۇقۇمىدىن خالىي تۇتۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 6-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 26- ۋە 27-ماي كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن 10 -نۆۋەتلىك 8-ئومۇمىي يىغىنى«جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالىي سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئائىت بىر قانچە سىياسىي تەدبىر» ناملىق بىر ھۆججەتنى ماقۇللاپ، «جەنۇبىي شىنجاڭ» ئۇقۇمىغا قايتا ئېنىقلىما بەرگەن. ھۆججەتتە «جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇقۇمى» نىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئۇنىڭغا خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى يېرىم ھەربىي-يېرىم ئىشلەپچىقىرىش گەۋدىسى بولغان بىڭتۇەننىڭ 1-، 2-، 3-، ۋە 14-دېۋىزىيەسى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرى «جەنۇبىي شىنجاڭ» ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن.

ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقتىكى قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ ۋە ئاقسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش «جەنۇبىي شىنجاڭ» رايونى، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىغا ئايلانغانىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرى بۇنى«ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەم «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنىدى.

ئادرىيان زېنىز قاتارلىق تەتقىقاتچىلار بۇ مەزگىلدە قەشقەر بىلەن خوتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ جىددىي تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھۆكۈمەت بۇنى «بىر قېتىملىق زور سىياسىي بۆسۈش، بۇ بۇرۇنقى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتىن ھازىر پۈتكۈل جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئۆتكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ» دەپ چۈشەندۈرگەن.