ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى قوللاش كېرەك»

ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تورىدا 6-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سوت مەھكىمىلىرىدە جاۋابكارلىققا تارتىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە نۇرغۇن توسقۇنلۇقلار بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى دەپسەندىچىلىكلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلگەن بولۇپ، بېسىمنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك ئىكەن. «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ۋەھشىيلىكىنى كۆرمەسككە سالمايلى» ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىدا «ئۆتكەن يىلى ئۇكرائىنادا سادىر بولغان ۋەھشىيلىك جىنايىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسى بولغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىش يولىدا ئىلگىرىلەشلەر بولغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينى سوتقا تارتىش، خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ بېكىتىش، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ مۇتلەق كۆپى دۆلەت سەۋىيەسىدە چەكلىنىپ قالغانىكەن.

ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى لاۋرېن بېيلاي بىلەن ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىدىكى ئالىي مۇتەخەسسىسى مەتىيۇۋ پاركېس قەلەمگە ئالغان ماقالىدا، خىتاينى جاۋابكارلىق تارتىشتا تېخىمۇ چوڭ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزچىل خەلقئارالىق قوللاش ۋە ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينىڭ جىنايىتىنى داۋاملىق ب د ت نىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلغان جىنايىتىنى ئۇنىۋېرسال ئەدلىيە ھوقۇقى ئارقىلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سوت مەھكىمىلىرىدە جاۋابكارلىققا تارتىش تىرىشچانلىقىنى قوللىشى كېرەك ئىكەن.