ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى مۇزېيى» 20-ئاپرېل كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي كىرىزىسنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.
باياناتتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، بىر قىسىم ئۇيغۇر يېتەكچىلىرىنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان قۇرۇش ئىنتىلىشلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا نوپۇس كۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكانى ۋاسىتە قىلغان ئومۇميۈزلۈك نازارەت ۋە كونتروللۇقىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى، ئاقىۋەتتە نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىندى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ باياناتتا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشلار ۋە ئومۇميۈزلۈك زىيانكەشلىك قىلمىشى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە نازارەت ئاستىدا جىددىي داۋام قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
باياناتتا يەنە «بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن غايەت زور تەھدىت بولۇۋاتقان تەدبىرلەردۇر. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ يوسۇندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان كۆپلىگەن سەۋەبلەر كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ،» دېيىلگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باش ئىجرائىيە رەئىسى كېننېس روس بۇ باياناتنى ئالقىشلىدى. شۇنداقلا «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىگە قارىتىلغان بىر قېتىملىق جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش،» دېدى.
مەزكۇر مۇزېي قارمىقىدىكى «قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى» چىقارغان بۇ يىلقى 15 دۆلەتنىڭ ئىسىملىكىگە خىتاي دۆلىتى قوشۇلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى بۇنىڭغا سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلگەن.