كىشىلىك ھوقۇق خەلقئارا بىرلىكى (FIDH) 28-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلقلەرگە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قەبىھ باستۇرۇش سىياسىتى ۋە زوراۋانلىقلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنىڭ داۋاملىق تۈردە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتىمىز. يېقىندا بېرىلگەن مۇھىم دوكلاتلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىي مۇسۇلمانلارغا ˃ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت˂ سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە».
باياناتنىڭ ئاخىرىدا مەزكۇر تەشكىلات تۆۋەندىكىدەك چاقىرىق قىلغان:
1. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي خادىملىرى شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق جىنايەتلىرىنى كۆزىتىشى ۋە ئۇنىڭغا دائىر ئىسپاتلارنى توپلاپ، بۇ مەسىلىنى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ئاشكارە دوكلات قىلىشى كېرەك.
2. ب د ت ئىشخانىلىرىدىكى ئالاھىدە مەسلىھەتچىلەر بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى قوللىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى، سىستېمىلىق ماتېرىيال ئالاقىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
3. خەلقئارا جەمئىيەت شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق جىنايەتلىرىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش، جىنايەتچىلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تۆلەم بېرىش مېخانىزمى قۇرۇشنى قوللىشى كېرەك.
كىشىلىك ھوقۇق خەلقئارا بىرلىكى 117 دۆلەتتىكى 192 ئورگاندىن تەركىپ تاپقان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولۇپ، 1922-يىل قۇرۇلغاندىن بېرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھەقلىرىنى قوغداشنى نىشان قىلىپ كەلگەن.