خىتاينىڭ جىنايىتى ئۈستىدىن ئارگېنتىنا سوتىغا سۇنۇلغان ئەرزنى قايتا كۈچكە ئىگە قىلىش گۇۋاھلىق يىغىنى ئېچىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 22-دېكابىر كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا سۇنۇلغان ئەرزنىڭ تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ خاتا قارارى تۈپەيلىدىن توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى، بۇ ئەرزنى قايتا كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن گۇۋاھلىق يىغىنى ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاخباراتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى «تۈركىيەدىكى بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلوسى تۈرك ئادۋوكاتى تەرىپىدىن بېجىرىلىۋاتىدۇ» دېگەن خەۋەرگە ئاساسەن قارار چىقىرىپ، ئارگېنتىنا سوتىغا سۇنۇلغان دېلونى توختىتىپ قويغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بۇ قارار ئۈستىدىن قايتا ئەرز سۇنغان.

بۇ يىل 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، تۈركىيە تەرەپنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك بۇ خىل دېلولارغا ئەدلىيە مىنىستىرىدىن باشقا ئادەمنىڭ ئارىلىشالمايدىغانلىقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ تۈرك ئادۋوكاتى ئارقىلىق دېلو تۇرغۇزالمايدىغانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك دەلىل ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تۈركىيە ئاساسىي قانۇن ئادۋوكاتى ئەلى يىلدىزمۇ بۇنى قۇۋۋەتلىگەن. بۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆز قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شاھىتنىڭ تۈركىيە سوتىغا ئەرز سۇنمىغانلىقىنى، ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق قايتا يۈز بەرمىسۇن› دېگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلاشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى بۇ ئەرزنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا سوتقا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2022-يىل-8ئاينىڭ 17-كۈنى، ئەنگلىيە خەلقئارا قانۇن ئادۋوكاتى مايكول پولاك (Michael Polak)، ئارگېنتېنالىق ئادۋوكاتلاردىن گەبرىئېل كاۋاللو (Gabriel Cavallo)، خۇئان نېتو (Juan Nieto) قاتارلىقلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىغا ۋاكالىتەن، ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغانىدى.

ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى ئادەم قىيناش جىنايەتلىرىدىن ھېساب سوراش ھوقۇقى بار بولۇپ، بۇ سوتقا سۇنۇلغان ئەرزنامىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارالىق جىنايىتى ھەمدە بۇ جىنايەتنىڭ ئەڭ چوڭ جاۋابكارلىرى كۆرسىتىلگەنىدى.