ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھرىدىكى «مەسئۇلىيەتنى قوغداش دۇنياۋىي مەركىزى» 23-مارت ئۇيغۇرلار ۋە ئىراقتىكى يەزىدىلەر ھەققىدە تور يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار بىلەن يەزىدىلەر ئۇچرىغان مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى مۇزاكىرە قىلغان. يىغىندا بۇ خەلقلەر ئۇچرىغان بۇزغۇنچىلىق ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ پەرقلىق ۋە ئوخشاشلىق تەرەپلىرى سېلىشتۇرۇلۇپ، بۇ ئىككى خەلقنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىنىش، تارىخى ئىزلىرى ۋە سىمۋۇللىرى ۋەيران قىلىنىش، مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ئۈزۈپ تاشلىنىپ، مەۋجۇتلىقىغا تەھدىت سېلىنىشتەك خەۋپلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى شەرھىيلەنگەن.
يىغىندا «مەسئۇلىيەتنى قوغداش دۇنياۋىي مەركىزى» نىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە دېرىكتورى ساۋىتا پاۋنداي ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى غەرەزلىك ۋەيران قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر خەلقىگە «كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى»، خىتاينىڭ ھەركىتى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
بۇ يىغىنغا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خادىمى بەھرام سىنتاش مۇستەقىل تەتقىقاتچى سۈپىتىدە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يېقىنقى 3-4 يىل ئىچىدە چېقىپ تاشلانغان ياكى بۇغۇنچىلىققا ئۇچرىغان مەسچىت، مازار ۋە قەبرىستانلىقلار ھەققىدە دوكلات بەرگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىغا قاراتقان بۇزغۇنچىلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇشتىن ئىبارەت ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر پارچىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.