ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايەتلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىردى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 25-ئاپرېل كۈنى 2022-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باشقا ۋەھشىي جىنايەتلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئ‍وخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەر ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بىلەن مەخسۇس ب د ت تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، «شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باشقا ۋەھشىي جىنايەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلارنى تەكشۈرۈشى ۋە جاۋابكارلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىشى، شۇنداقلا خىتايدىكى باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈشى كېرەك» ئىكەن

دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ئالاقىدار كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىنى ئ‍ىجرا قىلىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا ئىشتىراك قىلىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»، «تىبەت سىياسىتى ۋە قوللاش قانۇنى» نىغا ئ‍وخشاش قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن. دوكلاتتا، 2021-يىلى خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ناچارلاشقانلىقى، دىننى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ داۋاملاشقانلىقى، بولۇپمۇ شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى ھەر خىل دىنىي سەۋەبلەر بىلەن داۋاملىق جازا لاگېرلىرىدا، تۈرمە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «سابىق مەھبۇسلار ۋە شاھىتلار تۇتقۇندا جىسمانىي ۋە پسىخولوگىيەلىك قىيناش، باسقۇنچىلىق ۋە جىنسىي زوراۋانلىقنىڭ باشقا شەكىللىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكلىرىنى دوكلات قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دائىرىلەر 880 مىڭ مۇسۇلمان بالىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىغان، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى مۇھىم دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنى ۋەيران قىلغان ياكى دەخلى-تەرۇز قىلغان.» 90 بەتلىك بۇ دوكلاتتا، دۇنيادىكى خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 27 دۆلەتنىڭ ئ‍ۆتكەن بىر يىللىق دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ بۇ يىلمۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلۈشى تەلەپ قىلىنغان.