نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 76 مىڭ خىتاي كادىرى كەنتلەرگە چۈشۈرۈلۈپ، «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش» نامىدا ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىكەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، 72 مىڭ كادىر رايوندىكى 12 مىڭدىن ئارتۇق كەنتكە تارقالغان ئىكەن. مەزكۇر گېزىتنىڭ 13-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بۇ كادىرلارنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش دېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى نازارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ «ئەسەبىيلىك» دەپ قارالغان دىنىي، مىللىي خاھىشلىرىنى كونترول قىلىش، بۇ ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى رايوننىڭ ئىچى-سىرتىغا پىلانلىق ۋە تەشكىللىك يۆتكەش ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى يېقىنقى خەۋەرلەردە بۇ خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ يەنە ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا يېڭى بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارغا «3 رايوننى ئايرىش» نامىدا ئۆي بېزەكچىلىك، ئۆي ۋە باغ-ۋارانلار بىرلەشكەن ئەنئەنىۋى ئائىلە مۇھىتىنى ئۆزگەرتىپ، بىڭتۇەندىكى خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى تېڭىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنتلەرنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش ياسىغانلىقى، نۇرغۇن كەنتلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەردە تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى بوستان ئېرىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى پۇ چۈەنۋېن 3 يىلنىڭ ئالدىدا بۇ كەنتنىڭ يوللىرى ئەگرى-توقاي، ئۆيلىرىنىڭ بەك ناچارلىقىنى تەكىتلەپ: «قىسقىغىنە 3 يىلدا كەنتنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى،» دېگەن. لېكىن ئۇ بۇ 3 يىلدا 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ، نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولغانلىقى، نۇرغۇن ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرىنىڭ قۇرۇغدىلىنىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.