«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئۆز كادىرلىرىنى غەربنىڭ ئەخلاق ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىگە ئېغىپ كەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ جىددىي ئۇقتۇرۇشىدا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ماركسىزم ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، خىتاي مىللىي روھىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلىشىنى، ھەرگىزمۇ غەربنىڭ ئەخلاق ۋە قىممەت قاراشلىرىغا ئەل بولماسلىقنى تەلەپ قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئىككى خىل كىشىلەرگە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى خىل كىشىلەرنىڭ بىرى 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك جىنايەتلىرى بىلەن جازالانغان ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بولسا، يەنە بىرى خىتايدىكى غەرب مەدەنىيىتىگە چوقۇنىدىغان ئوتتۇرا قاتلام كادىرلار بىلەن زىيالىيلارنى كۆرسىتىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر يەنە تۈنۈگۈندىن بۇيان خىتايدىكى بارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۇلاپ خەۋەر بېرىلگەن بۇ جىددىي ئۇقتۇرۇشنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى باش ئاغرىقىنىڭ ئاشكارىلىنىشى دەپ قارىماقتا.