خىتاي ھۆكۈمىتى كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» ۋە ئۇنىڭ مەسئۇللىرىغا ئېمبارگو ئېلان قىلغان

كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق 8 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارىنى جازالىشىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 21-دېكابىر بۇنىڭغا قارشى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىر يۈرگۈزۈپ، كانادادىكى بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىلەن بىر تىبەت تەشكىلاتىنى ۋە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى 20 كىشىگە ئېمبارگو قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىملىق ئۆچ ئېلىشتا كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» بىلەن «كانادا تىبەت كومىتېتى» نى نىشان قىلغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ئېمبارگو تەدبىرى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى، بۇ تەشكىلاتنىڭ سىياسەت ۋە پائالىيەت دىرېكتورى ياسىمىن كېينىس، شۇنداقلا بۇ تەشكىلاتنىڭ قانۇن ۋە سىياسىي مەسلىھەتچىلىرىدىن دەيۋىد ماتاس، ساراھ تېيچ، يۇناھ دىيامۇند، جون پەكېر قاتارلىق ئون نەچچە شەخسكە قارىتىلغان.

كانادا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، سابىق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ سابىق قوماندانى پېڭ جيارۈي قاتارلىق سابىق ۋە ھازىرمۇ ۋەزىپىدىكى 8 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزگەن ئىدى. ھالبۇكى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېمبارگو قارارى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ئېمبارگو تەدبىرىنىڭ ئىككى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنى نىشان قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

كانادادىكى «قانۇنشۇناس» قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى، «بىز بۇ جازانى شەرەپ بەلگىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىمىز. ئۇلار بىزنى توسۇپ قالالمايلا قالماي، بەلكى بىزنىڭ ئىرادىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. بۇ بىزنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسەتمەكتە» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئېمبارگو قارارى بويىچە بۇ كىشىلەرنىڭ خىتايغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن، شۇنداقلا خىتايدىكى مال-مۈلكى توڭلىتىلىدىكەن.