ئۇيغۇر رايونىدا خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانىلىرى 1900 دىن ئېشىپ كەتكەن

خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 18-دېكابىر كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، 2023-يىل خىتاينىڭ يېڭى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى بازا قىلىش سۈرئىتى مۆلچەردىكىدىن تېز بولغان، يەنى بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىغا كىرگەن يۇقىرى تېخنىكىلىق خىتاي كارخانىلىرى 500 دىن، جەمئىي كارخانا سانى 1900 ئېشىپ كەتكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كارخانىلارنىڭ بىر يىل ئىچىدىلا بۇنداق تېز كۆپىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەب، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا ئالاھىدە ۋە كۆپ خىل ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىدىن ئىكەن. يەنى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا تەرەققىي قىلماقچى بولغان بۇ خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ، يەر-زېمىن، باج، ئەركىن سودا رايونى، توشۇش، سېتىش قاتارلىق تەرەپلەردىن بىر يۈرۈش ئېتىبار سىياسىتى يولغا قويغان.

بۇ بىر يۈرۈش ئېتىبار سىياسەتتىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانىلار ئۈچۈن «يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش، پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداش، تەتقىقات تۈرىگە مەبلەغ ھەل قىلىش» قاتارلىق جەھەتلەردىن مۇلازىمەت قىلغان؛ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپلەپ «مۇتەخەسسىس» ۋە «خادىملار» تەكلىپ قىلىنغان؛ كۇرسلارغا قاتناشقانلار 3403 ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ كىرگەن يۇقىرى تېخنىكىلىق خىتاي كارخانىلىرى ئاساسەن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ياكى بىڭتۈەن بىلەن ھەمكارلاشقان كارخانىلار بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتايدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىدىن پايدىلانغانلىقى ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «8 چوڭ كەسىپ گەۋدىسى» قۇرۇش پىلانىغا ئەگەشكەنلىكى مەلۇم . ھالبۇكى، ئادرىيان زېنزگە ئوخشاش تەتقىقاتچىلار، خىتاي كارخانىلىرى قانچە كۆپ قۇرۇلسا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ شۇنچە كۆپ كېڭىيىدىغانلىقى ۋە ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.