ۋىيېتنام شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردى

ۋىيېتنام دائىرىلىرى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغان.

ۋىيېتنامنىڭ بۇ چاقىرىقى فىلىپپىن پايتەختى مانىلادا شەنبە ئۇنى رەسمىي ئېچىلغان 10 دۆلەت ئەزا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيالا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ ئۇچرىشىشقا ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتايمۇ تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى ئەۋەتكەن ئىدى.

ۋىيېتنام چاقىرىقىدا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىدىغان بىرلەشمە باياناتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋىيېتنام باشقا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى دىپلوماتلىرىغا خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ بىرلەشمە باياناتقا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلۇشلىرىدىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.

ۋىيېتنام يەنە بۇ ئەللەر دىپلوماتلىرىنى باياناتقا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىنى قانۇنىي جەھەتتىن چەكلەيدىغان بىر ھەرىكەت مىزانى قوشۇشنىمۇ تەلەپ قىلغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، سۆھبەتكە قاتناشقان بىر دىپلومات بىرلەشمە بايانات ھەققىدىكى مۇنازىرىنىڭ ئىنتايىن كەسكىن بولغانلىقىنى، ۋىيېتنام ئۆز ئالدىغان كۈچىگەن بولسىمۇ، فىلىپپىن ۋە كامبودژانىڭ بۇنىڭغا ئانچە قىزىقىپ كەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شۇ سەۋەبتىن دىپلوماتلار بىرلەشمە باياناتتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالماي، بايانات كېچىكتۈرۈلگەن.

سۆھبەت شەنبە كۈنى كەچكىچە داۋام قىلغان. سۆھبەت نەتىجىسى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە چىقىدىكەن.

خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، مەزكۇر دېڭىز بىلەن چېگرىلىنىدىغان ۋىيېتنام، فىلىپپىندىن، مالايشىيا ۋە بىرۇنېي قاتارلىق دۆلەتلەرنى نارازى قىلغان.

بۇلارنىڭ ھەممىسى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى.

بۇلارنىڭ ئارىسىدا خىتاينىڭ مەزكۇر دېڭىزدىكى كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىگە ئەڭ قاتتىق تۇرۇپ كەلگەن دۆلەتلەر ۋىيېتنام بىلەن فىلىپپىن ئىدى. ھالبۇكى، فىلىپپىن يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان خىتايغا قارشى مەيدانىنى يۇمشاتقان.

ھالبۇكى، ئامېرىكا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدا ياسىغان سۈنئىي ئاراللىرىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ سۈنئىي ئاراللىرىغا ھەربىي پاراخوتلىرىنى بىر نەچچە قېتىم يېقىنلاشتۇرغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا ئۆزىنىڭ يىراق مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدى.