خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى قايتا بېكىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خىتاينىڭ مەۋجۇت خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى قايتا بېكىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق» پرىنسىپلىرىنى دەسسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 13‏-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئاقلاشلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا ئىكەن. غەربتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ، 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قامىشىنى ئەيىبلەب كەلدى. لېكىن خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىك كىشىلىك ھوقۇقتىن مۇھىم، دېگەننى ئىلگىرى سۈرۈپ، غەربنىڭ تەنقىدلىرىنى رەت قىلىپ كەلدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» نىڭ يىغىنىغا شىمالىي كورېيە، سۈرىيەدەك دۆلەتلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى بازارغا سالغان شۇنداقلا ئۇ ب د ت غا ئەزا باشقا دۆلەتلەرگە ئۆزىنىڭ بۇ قارىشىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 10-ۋە 11‏-دېكابىر كۈنلىرى بېيجىڭدا «جەنۇب بىلەن جەنۇبنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» يىغىنى چاقىرىپ، شىمالىي كورېيە، سۈرىيە، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى تەكلىپ قىلغان. يىغىندا خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ما جاۋشۈ سۆز قىلىپ، «ھەر بىر دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يولىغا مېڭىش ھەققى بارلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىدىكى تەنقىدلىرىگە قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدا ئۆزىنىڭ «تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىك ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق» دېگەن قارىشىنى ئىپادە قىلماقتىكەن. خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە تېزلىشىۋاتقانلىقى، بۇ يىل23‏-ئۆكتەبىر كۈنى ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى 23 غەرب دۆلىتى ب د ت دا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىدلەپ ئارقىدىنلا خىتايغا ئىتتىپاقداش 53 دۆلەتنىڭ خىتاينى قوللاپ بايانات ئېلان قىلىشى، بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.