قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن«خىتاي كىنو ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە ئۇيغۇر فىلىملىرى قاتناشتۇرۇلدى

خىتاي رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق مەملىكەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئاستىدا باشلىغان «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېقى» لايىھىسىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىمۇ كۈچەيتىشكە كىرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تېمىسىنىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان بۇ خىل ئالاقە دائىرىسىگە كىرگۈزمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا قازاقىستاندا ئەنە شۇ«يىپەك يولى» ھەمكارلىقى رامكىسى ئاستىدا مەخسۇس خىتاي كىنو ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئېلى تېمىسىغا ئائىت بىر قانچە فىلىملەرمۇ كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە تونۇلغان ئۇيغۇر كىنو رېژىسسورى شىرزات ياقۇپ ئىشلىگەن «مېھرى-شەپقەت» فىلىمىمۇ كۆرسىتىلگەن.

قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رېژىسسور شىرزات ياقۇپ ۋە «مېھرى شەپقەت» فىلىمىدا رول ئالغان خادىملاردىن بىر قانچە نەپىرى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە قازاقىستاننى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتىلگەن.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي تەقىبلەشلىرى، مىللىي زىددىيەتلەر ۋە ئۇيغۇر تىلى ھەم مائارىپىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە باشقىلارغا ئائىت ئۇچۇرلار ھەم ئىنكاسلار خەلقئارادا، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىمۇ ئىنكاس قوزغاشقا باشلىدى. شۇ سەۋەبتىن، بېيجىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە ۋە باشقا ئەللەرگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت تەشۋىقاتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تىرىشماقتا.