خىتايدا ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرسە، ئامېرىكا تارىخىدا يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي كرىزىستىن ئېشىپ چۈشىدىكەن

«فوربېس» ژۇرنىلى 22-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە، خىتاي ئىقتىسادىدا ئاللىقاچان چوڭ كرىزىس ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقى، بۇ كرىزىسنىڭ ئامېرىكا 1930-يىل دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي بوھرانغا ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، گەرچە خىتايدا پاي چېكى بازىرى تېخى ۋەيران بولمىغان بولسىمۇ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى ئۆتمۈشتىكى ئامېرىكانى ئەسلىتىدىكەن. 1930-يىل ئامېرىكادا يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي كرىزىس ئامېرىكالىقلارنىڭ ئىشەنچىنى يوقاتقان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئاھالىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆمۈرلۈك ھوقۇق تۇتۇشىدىن ۋە خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن بولۇپ، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرىدىغان ئىشەنچىنى يوقاتماقتا ئىكەن.

خىتاي خەلق بانكىسى ئۆتكەن يىل ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىپ، بازارغا ۋە پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىغا نۇرغۇن پۇل تارقاتقان بولۇپ، پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 9.7 پىرسەنت ئاشقان. ئەمما ئۇنىڭدىن ھېچقانداق پايدا كۆرۈلمىگەن، بەلكى خىتاي پۇلى پاخاللىشىشقا باشلىغان. خىتايدىكى ئاساسلىق مەسىلە پاي چېكىنىڭ ۋەيران بولۇشى ئەمەس، بەلكى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتى ئىكەن. شى جىنپىڭ خۇسۇسىي كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي كرىزىسىنى تونۇپ يېتىپ، جىددىي ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، خىتايدا يۈز بېرىدىغان ئىقتىسادىي بوھران ئۆتكەن ئەسىردە ئامېرىكادا يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي كىرىزىستىنمۇ چوڭ ۋە ئېغىر بولىدىكەن. ئامېرىكا ئۆز ۋاقتىدا بىر قانچە يىل ئىچىدىلا ئىقتىسادىي كرىزىستىن قۇتۇلۇپ چىقالىغان، چۈنكى ئۇنىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ئەۋزەللىكى بار ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ بىر پارتىيەلىك سىياسىي تۈزۈلمىسىگە بېقىنىدىغان ئىقتىسادى ئاسانلىقچە ئەسلىگە كېلەلمەيدىكەن.