خىتاي بانكا سىستېمىسى داۋاملىق كىرىزىسقا پاتماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.07.26

خىتاي ئىقتىسادىدىكى چۆكۈش ۋەزىيىتىنىڭ يەنە بىر تىپىك ئىپادىسى بانكا سىستېمىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان بوھراندا ئەكس ئېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. «ئاسىيا قاراۋۇلى» گېزىتىنىڭ 24-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كاساتلىشىشى ئەڭ زور دەرىجىدە تەسىر قىلغان دائىرە دەل بانكا سىستېمىسى بولۇپ قالغان. چۈنكى ئۆي-مۈلۈك بازىرى بىردەك بانكا تارقاتقان قەرز ئاساسىدا مېڭىپ كەلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدىلا 40 قا يېقىن بانكا كۆزدىن يۈتكەن ياكى باشقا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا قوشۇلۇپ كەتكەن. بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان «جياڭشى بانكىسى» يېقىندا پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ئىسيانىغا دۇچ كەلگەن. چۈنكى بۇ بانكىغا پۇل ئامانەت قويغۇچىلار بانكىنىڭ غايىب بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزلىرى ئامانەت قويغان پۇل سوممىسىنىڭمۇ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ خىلدىكى بانكىلاردىن ھازىر 3800 بانكا ئاشۇنداق مالىيە كىرىزىسىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بىردەك كىچىك تىپتىكى پۇل-ئامانەت ۋە قەرز بانكىلىرى ھېسابلىنىدىكەن. گەرچە ئۇلارنىڭ ئومۇمى مەبلەغ قىممىتى 55 تىرىللىيون سوم (تەخمىنەن 7.5 تىرىللىيون ئامېرىكا دوللىرى) ئەتراپىدا بولسىمۇ، خىتاي بانكا سىستېمىسىنىڭ مەبلەغ جۇغلانمىسىدا 13 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ ساننى سەل چاغلاشقا بولمايدىكەن. چۈنكى بۇ خىلدىكى بانكىلارنىڭ سانى تېزدىن كۆپىيىشكە باشلىغان.

تېكساستىكى «خايمان كاپىتالى» شىركىتىنىڭ مەبلەغ دىرېكتورى كايل باس (Kyle Bass) بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاينىڭ بانكا سىستېمىسى ھالاكەتكە يۈزلىنىۋاتىدۇ. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۆي-مۈلۈك سىستېمىسىنىڭ چۆكۈشى ئۆز نۆۋىتىدە خىتاي بانكا سىستېمىسىنى ھاڭغا ئىتتىرىۋاتىدۇ» دېگەن. تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادقا بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى تۈپەيلىدىن ئىقتىسادىي سىستېما ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە ئەمەس، بەلكى كومپارتىيەنىڭ كونتروللۇق خاھىشىغا ماس قەدەم ئېلىش يۆنىلىشىدە ھەرىكەتلىنىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى يۆلەش تەدبىرلىرى قاتارىدا تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋالغانلارغا بىر يۈرۈش ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى ئىشقا سالغان. شۇنداقلا بازارنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە خۇسۇسىي ئاپتوموبىل ۋە ئائىلە ئېلىكتۇر ئۈسكۈنىلىرى سېتىۋالماقچى بولغانلارغا 41 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئاجراتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.