خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى 21 - ئاپرىل كۈنى « 2012 - يىللىق ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى» دەپ ئاتالغان مەخسۇس دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى مەزكۇر دوكلاتى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان « 2012 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» دا خىتاينى تەنقىد قىلىشىغا بېرىلگەن قارشى جاۋابتىن ئىبارەت. خىتاي ئۆز دوكلاتىدا ئامېرىكىنى چەتئەللەردە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقى ۋە ئۆز دۆلىتىدىكى پۇقرالارنىڭ قورال ساقلاپ، زوراۋانلىق قىلىشىنى توسالمىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە تەنقىد قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا دۇنيادىكى 190 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلىرى، جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەر، يەنى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە باشقىلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلىرى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ھەر يىلى بىر قېتىم كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىمۇ ئامېرىكا دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا مەخسۇس ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.