د ئۇ ق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يېقىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزالىققا سايلانغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن نام چىقارغان بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزالىققا سايلىنىشى، مەزكۇر ئورگاننىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈشى ۋە قوغدىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.
خىتاي ب د ت نىڭ 12-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلىمىدا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزالىققا سايلانغان.
د ئۇ ق باياناتىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي سادىر قىلغان ئېغىر ۋە قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارغا قىلغان بۇزغۇنچىلىقىغا سەل قارىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەرىپىدىن توپلانغانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دوكلاتلىرىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق يەنە، ب د ت نىڭ سايلام تەرتىپىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، سايلام بېلىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ساناشنى، بۇ ئارقىلىق خىتايغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان دۆلەتلەرنى قوللاپ بىلەت تاشلىغان ئەللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى.
د ئۇ ق باياناتىدا يەنە، خىتاينىڭ ئەزالىققا سايلىنىشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتايغا ئالاقىدار ھەقلىق ئەندىشىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشىدىن پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.