كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 2024-يىل 25-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپلەرنى رەت قىلغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش نوپۇزىنى كۆزگە ئىلمىغان.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «قوغدىغۇچى» تەشكىلاتىنىڭ 24-ئىيۇن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2024-يىلى 1-ئايدا ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەرەللىك قاراپ چىقىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان؛ بۇ تەكلىپ ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش پىروگراممىسى ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ياكى ئۇنى رەت قىلىشقا ئۇستا خىتاي ھۆكۈمىتى 428 تۈرلۈك تەكلىپنىڭ 290 تۈرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، 32 تۈرىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما 98 تۈرىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي رەت قىلغان تۈرلەر ئىچىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئېغىر قىيناش، ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا، مۇخبىرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش قاتارلىق تەكلىپلەر بار ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2024-يىل 1-ئايدىكى تەكشۈرۈشكە تەييارلىق قىلىش داۋامىدا، 2009-يىل، 2013-يىل ۋە 2018-يىلىدا قىلغىنىغا ئوخشاش، پۈتۈنلەي ساختا ئۇچۇرلارنى بەرگەن ھەمدە ھېچقانداق ئاممىۋى جەمئىيەت ياكى تەشكىلاتنىڭ بۇ توغرۇلۇق مەلۇمات توپلاپ، دۆلەتلەرنىڭ دوكلات ھازىرلىشىغا ياكى تەكشۈرۈشىگە ياردەم قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. خىتاينىڭ بۇ قېتىم قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىنى توختىتىش تەكلىپلىرىنى رەت قىلىش نىسبىتى 30 پىرسەنتكە يەتكەن بولۇپ، 2018-يىلدىكىدىنمۇ 18 پىرسەنت يۇقىرى بولغان.