رامزان ئېيى ئاخىرلىشىپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە خىتاي دائىرىلىرى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە، «خىتاي كلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئوقۇش پائالىيىتى» باشلىغان.
«تەڭرىتاغ» تورى، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 24-ئاپرېل كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، 2023-يىللىق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۇتۇپخانىلاردا 521 مەيدان كىتاب ئوقۇش تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
بۇ پائالىيەتتە خىتاي كلاسسىك ئەسەرلىرى توپلىمى بولغان «يۇڭلې قامۇسى» كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن، بۇ قامۇس خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كىتاب مەجمۇئەسى بولۇپ، 22مىڭ 877 جىلدتىن تەركىب تاپقانىكەن.
بۇ پائالىيەتتە ئاساسەن «خىتاي كلاسسىكلىرىنى ئوقۇپ زوقلىنىش، داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر لېكسىيە بېرىش، كىتابلاردىن ئوزۇق ئېلىشنى ئائىلىگىچە يەتكۈزۈش» قاتارلىق ئىشلار ئورۇنلىنىدىكەن.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى نەشرىياتچىلىقى ئېغىر دەرىجىدە خاراب بولغان، ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتاب-ژۇرناللارنىڭ سانى چەكلىك بولۇشىغا قارىماي، مەزمۇنىنىڭ پۈتۈنلەي قىزىللاشقانلىقى مەلۇم. مەسىلەن، «تارىم» ژۇرنىلى بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرى ۋە ئۇيغۇر تارىىخىي كىتابلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى مىللىي كىملىككە ئائىت نادىر كىتابلارنى كىتابخانىلاردىن يوق قىلىپ، كىتاب يازغانلارنى تۈرمە ياكى لاگېرلارغا قامىغانىدى؛مەسىلەن داڭلىق يازغۇچىلاردىن پەرھات تۇرسۇن، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، ياسىنجان سادىق ۋە باشقا ئونلىغان ئەربابلارنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم.
نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر قالمىغان ئەھۋالدا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن خىتاي كلاسسىك ئەسەرلىرىنى بازارغا سالغان ۋە ئۇيغۇر ئاھالىسىنى ئۆزلىرىگە تامامەن يات كىتابلارنى ئوقۇشقا مەجبۇرلىغان.
ئەدىب جون تويفېلنىڭ قارىشىچە، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى شۇ مىللەتنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ؛ ئۇنىڭ مەدەنىيىتىمۇ ياتلارنىڭ قولىدا ئەمەس، ئۆز قولىدا بولغاندىلا ساقلىنىپ قالىدۇ.