يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خېنەندىن ئۇيغۇر ئېلىگە 5000 ئەتراپىدا خىتاي كۆچمەن كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلىكىگە ئائىت بىر ۋىدىيو كۆرۈنۈشى تارقىلىپ دىققەت قوزغىدى.
ۋىدىيودا كېچىدە نەچچە ئونلىغان ئاپتوبۇسلاردىن خىتايلارنىڭ يۈك-تاقىلىرى بىلەن چۈشۈۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ۋىدىيونىڭ سانجىدا تارتىلغانلىقى ۋە بۇ ئەتراپقا خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرۈلۈش ئۈچۈن خېنەندىن ئېلىپ كېلىنگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بىراق بۇ مەلۇماتلار تېخى دەلىللەنمىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن بۇيان 3 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولىغاندىن سىرت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە جىددىي يۆتكىمەكتە.
بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك ئىمتىياز ۋە ھەرخىل ۋەدىلەر بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ھەدەپ ئۇيغۇر ئېلىگە چاقىرىپ يەرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتكەن.
بۇ ھەقتە ئىلگىرى تىكتوك ئارقىلىق تارقالغان ۋىدىيولاردىمۇ، خىتاينىڭ گەنسۇ، يۈننەن، جېجياڭ، خېنەن، خېبېي دېگەندەك ئوخشىمىغان ئۆلكىلىرىدىن پويىز، ئاپتوبۇسلاردا تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.
بىڭتۇەن تەرىپىدىن قۇرۇلغان تۇمشۇق ۋە ئارال شەھەرلىرىگە يېقىندا يەرلەشكەن بىر قىسىم كۆچمەنلەر تارقاتقان ۋىدىيولاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ بىكارلىق ئۆيگە ۋە شۇنداقلا 40 مو يەرگە ئېرىشىدىغانلىقى، يەر بېجى، توك-سۇ پۇللىرىنىمۇ 2 يىلغا قەدەر كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.
چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا يەرلىك مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھەرىكىتى، دەپ قارىماقتا.