ئۇيغۇر رايونى بۇ يىل ئىچكىرى خىتايدىن 1800 نەپەر ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشنى قوبۇل قىلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە تەۋە غەربىي قىسىمغا ياردەم بېرىش پروگراممىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنىڭ ئالى مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ياشلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا تەشكىللىك تۈردە ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىش پۇرسىتى يارىتىش داۋاملاشماقتا. بۇ يىل، يەنە 1800 نەپەر ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياش ئارقىمۇ - ئارقىدىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ ئۆزىنى تىزىملىتىشقا كىرىشكەن.

«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە،«غەربىي قىسىمغا ياردەم بەرگۈچى ئىستۇدېنتلار پىلانى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر لايىھە بويىچە بۇ يىل 1800 ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياش ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ ياردەم بېرىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى مەخسۇس ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا كۈتۈۋېلىش ئورنى قۇرۇپ، ئۇلارغا قولايلىق شارائىت ياراaتقان. ئالدى بىلەن شەندوڭ، گەنسۇ، خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىن مەزكۇر پىلانغا قاتناشقان ياشلار ئۈرۈمچىگە پويىز بىلەن يېتىپ كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر ياشلار ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىدە مەخسۇس تەربىيىلەشتىن ئۆتكەندىن كېيىن جاي - جايلارغا ئەۋەتىلىدىكەن.

«شىنجاڭ تورى»نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانى» 13 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا 13 مىڭ 336 نەپەر ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياش ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 4000 دىن ئارتۇقى قايتىپ كەتمەي ماكانلىشىپ قالغان.

مەزكۇر ياشلارنىڭ ھەر قايسى ناھىيىلەردىكى يېزا ئىگىلىك، مائارىپ، باشقۇرۇش، ئەدلىيە ۋە باشقا ساھەلەردە خىزمەت قىلىدىكەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياشلارنى جەلپ قىلىش خىزمىتى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، كېلىدىغان ياشلارنىڭ نىسبىتى يىلدىن يىلغا ئاشماقتا.