بۈگۈن خىتاينىڭ سىنا خەۋەر تورىدا شايار ناھىيىسىدىكى بىر خىتاي كۆچمەننىڭ يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە بىر پارچە خەۋەر بېرىلدى. خەۋەردە 61 ياشلىق ۋاڭ جيېشۇاڭ ئىسىملىك بىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا 3 ياش ۋاقتىدا گەنسۇدىن كۆچۈپ كەلگەنلىكى، شۇنىڭدىن بېرى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئىناق ياشاپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىلىق تەپسىلاتلار بېرىلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋاڭ جيېشۇاڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كۆنۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە تەسىرات بايان قىلىپ، «مېنىڭ يىلتىزىم شىنجاڭدا، ئەگەر مېنى بىرى بۇ يەردىن كەت دېسە ھەرگىزمۇ كەتمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ خەۋەر ھەققىدە رادىيومىزغا پىكىر بايان قىلغان ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت سۇلايمان ئەپەندى خەۋەرنىڭ چىنلىقىغا قارىتا گۇمانىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئەگەر خەۋەر راست بولغان تەقدىردىمۇ، ۋاڭنىڭ بايانلىرىدىن ئۇنىڭدىكى كۆچمەنلىك ھېسسىياتىنى ۋە ئۆزى ياكى ئائىلىسىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىدىن ئەندىشە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەمەت سۇلايمان ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبىدىن رايوندا ياشاۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي ئاخباراتىنىڭ بۇ خىل خەۋەرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈش ۋە يەرلىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.